نۇرۇز

2017-03-21  本文已影响0人  Trra

باھار قولىدا يېتىلەپ

تايتاڭلاپ كەلدى شۇ نۇرۇز

پەرى كەبە نازنىندەك

كۈلۈپ كەلدى بۇ  نۇرۇز

تولۇپ مەلەم خۇش ھىدقا

چىچەك پەسلى باش نۇرۇز

باھارىمىزغا ساھىپخان

مىسكىنلەرگە ئاش نورۇز

ئېتىزلارغا دان بەرگەن

سېخىي ھاتەم باي نۇرۇز

يىلىڭ بەدەن ئاجىزغا

ئىللىق تۆشەك ماي نورۇز

ئاپئاق دالىغا رەڭ بەرگەن

تەبىئەتكە جان نورۇز

يالغۇز سوغۇق يۈرەككە

مادار بەرگەن قان نۇرۇز

باھار بىلەن تەڭ كەلگەن

خۇش ھاۋالىق ئۇز نۇرۇز

قۇت سائادەت بىر سۆيگەن

ئۆچ ئادەۋىتى ئاز نۇرۇز

         فەرۇخ .مۇرات

2017.3.21

上一篇 下一篇

猜你喜欢

热点阅读